« زەبۇر »

47

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار،

خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.

2چۈنكى بۈيۈك پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر،

ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار ئۇلۇغ پادىشاھتۇر.

3باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى،

ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى.

4نېسىۋە قىلىپ بىزگە تاللاپ بەردى بۇ يەرنى،

ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ* پەخرى بولغان زېمىننى. سېلاھ

5ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا،

چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا* ساداسىدا ئۆز ئورنىغا.

6كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا،

كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا.

7چۈنكى پۈتكۈل جاھانغا پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار،

مۇناجاتلار ئېيتىپ ئۇنى كۈيلەڭلار.

8ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە،

ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.

9يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى،

قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە،

بەرھەق، خۇداغا تەۋەدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھلىرى،

ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، جاھان ئەھلى ئۇلۇغلار ئۇنى.



*4ياقۇپ _ ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

*5بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمىي كاناي.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى