« زەبۇر »

105

1پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار،

كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

2خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە،

مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

3ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ،

قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

4تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە،

ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

5ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى،

مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.

6ئى خۇدانىڭ قۇلى ئىبراھىمنىڭ نەسىللىرى،

ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.

7ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

8ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر،

بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

9پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى،

ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

10ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى.

ئىسرائىلغا* مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

11«كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن،

ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»

12ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى،

نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

13ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى،

ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

14خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى،

ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

15«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار،

پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

16ئاچارچىلىق بەردى خۇدا كەنئانغا،

زار قىلدى ئۇلارنى ئاش-نانغا.

17خۇدا ئۇلارنى دەپ ئالدىنئالا يۈسۈپنى مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى،

ئاكىلىرى ئۇنى قۇل قىلىپ ساتقانىدى.

18ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە زەخىملەنگەنىدى،

بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىنغانىدى.

19ئۇ تاۋلاندى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگۈچە،

خۇدا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرسەتكەنلىرى ئىسپاتلانغۇچە.

20ئۇنى ئازاد قىلىشقا پىرئەۋن ئەمر قىلدى،

ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەردى.

21پىرئەۋن ئۇنى ئوردىسىغا غوجىدار قىلدى،

بارلىق مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى.

22بەردى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ۋەزىرلىرىنى،

دانالىق ئۆگىنىشكە تاپشۇردى ئاقساقاللىرىنى.

23شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى،

ھامنىڭ* زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى.

24ئۇلارنى كۆپ نەسىللىك قىلدى پەرۋەردىگار،

ھەم دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك بولدى ئۇلار.

25شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار،

ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار.

26ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى،

يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.

27خۇدانىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلدى ئۇلار مىسىردا،

ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى ھام زېمىنىدا.

28زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.

29قان قىلدى خۇدا مىسىرنىڭ سۇلىرىنى،

ئۆلتۈرۈۋەتتى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرىنى.

30پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى،

قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى.

31خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قاپلىدى غۇژ-غۇژ چىۋىنلار،

ھەممە يەرنى باستى غىڭ-غىڭ پاشىلار.

32يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى،

مىسىرنى چاقماق ئۇردى.

33نابۇت بولدى ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تاللىرى،

ۋەيران بولدى دەرەخلەرنىڭ بارلىقى.

34خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر،

مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.

35قويمىدى ئۇلار بارلىق گىياھلارنى،

يەپ تۈگەتتى ئېتىزلاردا ھوسۇللارنى.

36ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _

ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.

37ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى.

38ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى،

چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.

39پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى،

تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.

40ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى،

توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى.

41تاشنى يېرىپ ئارىلىقلىرىدىن سۇ چىقاردى،

قاقاس چۆلدە ئېقىن-دەريا پەيدا قىلدى.

42بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى،

قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى.

43ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ،

ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېتىپ.

44يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار،

باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،

45شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا،

بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا.

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!



*10ئىسرائىل _ ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى.

*23ھام _ نۇھنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئەجدادىدۇر. «ھام زېمىنى» مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى