« زەبۇر »

79

ئاساف يازغان مۇناجات*

1ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا،

ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى،

خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.

2ئاسماندىكى قۇشلارغا يەم قىلدى ئۇلار،

قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى.

تاشلاپ بەردى دالادىكى ھايۋانلارغا،

مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى.

3يېرۇسالېمدا دەريا قىلىپ ئېقىتتى ئۇلار،

خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى.

بىرەر تىرىك جاننىمۇ قالدۇرمىدى ھەتتا،

كۆمگىلى جەسەتلىرىنى.

4ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ،

مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ.

5ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟!

ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟

6قەھرىڭنى چاچ سېنى تونۇمىغان ئەللەرگە،

ۋە ساڭا ئېتىقاد قىلمىغان سەلتەنەتلەرگە.

7چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى،

خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى.

8بىزدىن ئالما سورىقىنى گۇناھ قىلسا ئەجدادىمىز،

بىزگە تېزراق رەھىم قىلغىن،

بەكمۇ ناچار چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.

9ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار،

شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ،

بولغىن بىزگە مەدەتكار.

كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى،

نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.

10«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ،

يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟

قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى،

كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.

11ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغايسەن،

ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن.

12ئى ئىگەم،

ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى قوشنا ئەللەرنىڭ،

يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە بەر ئۇلارنىڭ.

13بىز سېنىڭ ئۆز قوۋمىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز،

ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز،

مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز.



*ئاساف يازغان بۇ مۇناجات بابىل پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ساندىكى ئىسرائىللارنى ئەسىر ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى