« زەبۇر »

44

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا،

سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى

ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا،

ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.

2ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى،

ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى.

قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى،

روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى.

3ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن،

غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن.

بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن،

ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن،

چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن.

4ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن،

ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن.

5ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى،

قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى.

6ئىشەنچىم يوقتۇر ئۆز ئوقيايىمغا،

شەمشىرىم ئېرىشتۈرەلمەس مېنى ئۇتۇققا.

7غەلىبە قىلغۇزدۇڭ رەقىبلىرىمىز ئۈستىدىن بىزنى،

شەرمەندە قىلدىڭ بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەرنى.

8ھەر دائىم پەخىرلىنىپ تەرىپلەيمىز سېنى،

ئى خۇدا ئەبەدىي مەدھىيەلەيمىز نامىڭنى. سېلاھ

9بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە،

چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە.

10مەغلۇپ قىلدىڭ بىزنى رەقىبلىرىمىز ئالدىدا،

بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەر بۇلىدى بىزنى شۇ ھالدا.

11بىزنى قوي كەبى تۇتۇپ بەردىڭ بوغۇزلاشقا ئۇلارغا،

چېچىۋەتتىڭ بىزنى ھەم يات خەلقلەر ئارىسىغا.

12ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى،

قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى.

13قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە،

ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە.

14يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى،

مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى.

15-16نومۇسقا قالغانلىقىم تۇرار كۆز ئالدىمدا،

شەرمەندىچىلىك باردۇر مېنىڭ بوينۇمدا.

چۈنكى رەقىبلەر ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ

تىل-ئاھانەتلىرى دائىم يېتەر قۇلىقىمغا.

17بېشىمىزغا چۈشتى بۇلارنىڭ ھەممىسى،

ئۇنتۇمىغان بولساقمۇ گەرچە سېنى،

ياكى بۇزمىغان بولساقمۇ ئەھدەڭنى.

18-19سەن نۇسرەت ئاتا قىلماي ئەزدىڭ بىزنى،

خارابىدە ياردەمچىسىز قالدۇردۇڭ خەلقىڭنى.

گەرچە قايتمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز،

چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز.

20ئەگەر بىز ئىگىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق،

قول كۆتۈرۈپ يات ئىلاھقا دۇئا قىلغان بولساق،

21ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟

ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.

22ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز،

سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.

23ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟

تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا!

24نېمىشقا يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى،

نېمىشقا كۆرمەيسەن ئېزىلىش، كۈلپەتلىرىمىزنى؟

25پايخان بولدى ئار-نومۇسىمىز،

مىلەندى چاڭ-تۇپراققا تېنىمىز.

26كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى