« زەبۇر »

132

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

1پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى،

ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.

2قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا،

ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا:

3«كىرمەسمەن ئۆيۈمگە، ياتماسمەن ئورنۇمدا.

4ئۇخلىماسمەن، مۈگدىمەسمەن ھەتتا،

5تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسى _

پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش جايىنى.»

6ئەھدە ساندۇقى ھەققىدىكى خەۋەرنى

ئەفراتادا ئاڭلىغانىدۇق،

بىز ئۇ ساندۇقنى يائىر دالالىرىدىن تاپتۇق.

7خۇدا بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا بارايلى،

ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا سەجدە قىلايلى.

8ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _

ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا.

كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان

ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.

9ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن،

تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن.

10قىلىپ قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى،

رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تىكلىگەن پادىشاھىڭنى.

11قايتۇرۇۋالماس پەرۋەردىگار ۋەدىسىنى،

داۋۇتقا بەرگەن مۇنۇ قەسىمىنى:

«ۋارىس قىلىمەن تەختىڭگە،

ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى.

12ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە،

بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە،

ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»

13شۇنداق، پەرۋەردىگار تاللىغاندۇر سىئوننى،

بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا خالىغاندۇر بۇ يەرنى.

14«ئارامگاھىم بۇ مېنىڭ،*

مەڭگۈگىدۇر ئۇ مېنىڭ ماكانىم،

خالىغانمەن بۇ يەرنى مەن ئۆزۈم.

15بەرھەق، سىئوننى روناق تاپقۇزىمەن،

يوقسۇللىرىنىڭ قورساقلىرىنى توق قىلىمەن.

16كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى،

ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى.

17كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى،

ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.

18كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى،

پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.»



*14ئەسكەرتىش: 14-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە خۇدانىڭ ئېيتقان بىۋاسىتە سۆزلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى