« يەرەمىيا »

21

خۇدانىڭ زىدقىيانىڭ ئىلتىجاسىنى رەت قىلىشى

1زىدقىيا پادىشاھ مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەندە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. پادىشاھ ئەۋەتكەن بۇ كىشىلەر يەرەمىيادىن:

2_ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.

3يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ زىدقىيانىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار: 4«ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ھازىر بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سېپىللىرىڭلارنى قورشىۋېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىمەن، ھەتتا مەن دۈشمەنلىرىڭلارنى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگىچە ئېلىپ كىرىمەن. 5مەن نەپرەت ۋە غەزەپ ئىچىدە قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ھەممىگە قادىر بىلىكىم بىلەن سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىمەن! 6مەن بۇ شەھەرگە قورقۇنچلۇق كېسەللىك ئەۋەتىمەن، شەھەردىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ئۆلۈپ كېتىدۇ!› 7پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»

8بۇ سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈڭلار: «قاراڭلار، مەن پەرۋەردىگار ھايات-ماماتلىق يولىنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ئۆزۈڭلار تاللىۋېلىڭلار. 9شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. 10سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»

يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ جازالىنىشى

11پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ جەمەتىگە بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى:

«پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!

12ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى،

پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى،

ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار.

بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار.

ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن

غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.

13ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى،

مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.

‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ›

دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.

14مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن.

ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن،

بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى