« يەرەمىيا »

52

يېرۇسالېمنىڭ گۇمران بولۇشى

1زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 2زىدقىيا خۇددى ئىلگىرىكى پادىشاھ يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى.

زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى. 4زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. 5شۇنداق قىلىپ شەھەر تاكى زىدقىيا پادىشاھنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى.

6شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. 7بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى. 8بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. 9بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 10بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. 11ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىدى. ئۇ تاكى ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى.

125-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. 13ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 14ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. 15شەھەردە قالغان بىر قىسىم نامراتلار، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار، قېلىپ قالغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا قېلىپ قالغانلارنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 16لېكىن ئۇ بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.

17بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 18ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، داسلار، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 19ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە بارلىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى، چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان داسلارنى، كۈل قاچىلىرىنى، چىراغدانلارنى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ كەتتى.

20پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. 21ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، ئايلانمىسى ئالتە مېتىر، قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىچى بوش ئىدى. 22تۈۋرۈكنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئانار شەكىللىك بېزەك بار ئىدى. 23تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرغان تورسىمان بېزەكتە جەمئىي يۈز دانە ئانار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 96 دانىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشى

24ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى، 25شەھەردە قېلىپ قالغان لەشكەرلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئەمەلدارنى، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتە ئادەمنى، ئاھالىلەرنى تىزىملايدىغان لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە شەھەردىن تېپىۋېلىنغان باشقا ئاتمىش پۇقرانى تۇتتى. 26نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 27بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.

28نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ بابىلغا ئېلىپ بېرىلغان يەھۇدىيلارنىڭ سانى 3023 كىشى ئىدى. 29ئاندىن نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۇ يەنە 832 ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. 30نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى ئۇ قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئاداننى ئەۋەتىپ، يەنە 745 ئادەمنى بابىلغا ئېلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 4600 ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى.

بابىل پادىشاھىنىڭ يىھوياكىنغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى

31يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. 32ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى. 33يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى، ئۆمۈر بويى پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 34ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى