« زەبۇر »

80

بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «گۇۋاھلىق نېلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى،

يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى،

كېرۇبلار* ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى،

ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن،

شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.

2ئەفرايىم، بىنيامىن ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىمىزدە،

كۆرسىتىپ قۇدرىتىڭنى، قۇتقۇزغىن بىزنى.

3قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا،

كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى،

شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

4ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى،

قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟

5قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە،

چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.

6قىلدىڭ قوشنا ئەللەرگە بىزنى تالىشىش نىشانى،

دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشار بىزنى.

7ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قايتا گۈللەت بىزنى،

كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى،

شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

8مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى،*

يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.

9زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە،

يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.

10تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە،

كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا.

11ئۇ ئۇزارتتى شاخلىرىنى تا دېڭىزغىچە،

نوتىلىرىنى فىرات دەرياسىغىچە.

12نېچۈن بۇزۇپ ئۇنىڭ قاشاسىنى،

يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىسەن مېۋىسىنى؟

13ئورماندىكى ياۋا توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا،

دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا.

14ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قايتا كەلگىن يېنىمىزغا.

سامادىن نەزەر سېلىپ ئۈزۈمزارلىققا،

غەمخورلۇق قىلغىن ئۈزۈم تاللىرىغا.

15ئوڭ قولۇڭدا ئۆستۈرگەن يىلتىزغۇ بۇ،

ئۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ قىلغان ئوغلۇڭ ئىدىغۇ.

16مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا،

ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.

17قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى،

ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى.

18بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا،

گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا.

19ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قايتا گۈللەت بىزنى،

كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى،

شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.



*1كېرۇب _ پەرىشتىگە ئوخشايدىغان، ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. ئەينى ۋاقىتتا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە بۇ مەخلۇقنىڭ ئىككى دانە ھەيكىلى ئورنىتىلغان. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يەنە بىر ئىسمى «خۇدانىڭ تەختى»دۇر. شۇ سەۋەبتىن «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى» دەپ ئېلىنغان.

*8بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى _ ئىسرائىللارغا سىمۋول قىلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى