« زەبۇر »

74

ئاساف يازغان تەربىيەۋى مۇناجات*

1تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا،

بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟

سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا

نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟

2بەدەل تۆلەپ ئازاد قىلغان قوۋمىڭنى ئەسكە ئالغىن،

مۈلكۈم بولسۇن دەپ قۇتقۇزغان قەبىلەڭنى ئەسكە ئالغىن،

ئۆزۈڭ ماكان قىلغان سىئون تېغىنى ئەسكە ئالغىن.

3كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى،

دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى.

4رەقىبلىرىڭ داۋراڭ سېلىشتى مۇقەددەس جايىڭدا،

غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتى تۇغلىرىنى قاداپ ئۇندا.

5ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتى بۇ ھۇجۇمچىلاردەك،

پالتىلىرىنى ئوينىتىشتى خۇددى ئورمان كەسكۈچىدەك.

6ئاندىن ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا كىردى،

پالتا ۋە بولقا بىلەن نەقىشلەرنى چېقىشتى.

7ئى خۇدا، ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويۇشتى،

ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاينى دەپسەندە قىلىشتى.

8كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»،

كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.

9كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن،

پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن.

قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە،

ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.

10رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟

ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟

11نېمىشقا تارتىۋالدىڭ قولۇڭنى، ئېھ خۇدا ئوڭ قولۇڭنى؟

قولۇڭنى قوينىڭدىن ئېلىپ خۇدا يوقاتقايسەن ئۇلارنى!

12ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا،

قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.

13كۈچۈڭ بىلەن ئىككىگە بۆلگەنىدىڭ دېڭىز سۈيىنى،

يارغانىدىڭ ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى.

14چاققانىدىڭ دېڭىزدىكى لىۋياتاننىڭ* باشلىرىنى،

بەرگەنىدىڭ چۆلدىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلىپ گۆشلىرىنى.

15بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانتىڭ ئېرىقلارنى،

قۇرۇتقانتىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى.

16ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى،

ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى.

17ئايرىدىڭ بارلىق چېگرا-پاسىللارنى،

پەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭ ياز بىلەن قىشنى.

18ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار،

دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى.

ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار،

ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى.

19تۇتۇپ بەرمىگىن ۋەھشىي دۈشمەنگە پاناھسىز بەندىلىرىڭنى،

مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى.

20بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئېسىڭگە ئالغىن خۇدا،

زورلۇق ۋە زومبۇلۇقلار يامراپ كەتتى،

زېمىندىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇلۇڭلاردا.

21ئېزىلگەنلەر يەرگە قاراپ قالمىسۇن،

ئۇلار سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن.

22ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا،

نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن.

ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم

مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.

23دۈشمىنىڭنىڭ چۇقانلىرى بولسۇن دائىم ئېسىڭدە،

توختىمىدى ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرى تېخىچە.



*بۇ مۇناجات بابىل پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 587-يىلى يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلغان ۋە كۆپلىگەن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن.

*14لىۋياتان _ دېڭىزدا ياشايدىغان ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق ھايۋان بولۇپ، كەنئانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە ئۇچرايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى