« زەبۇر »

29

داۋۇت يازغان مۇناجات

1ئەي پەرىشتىلەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى.

2تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا،

سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا.

3پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا،

گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا،

ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا.

4پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر،

پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر.

5جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى،

شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان* كېدىرلىرى.

6جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى موزايدەك سەكرەپ كېتەر لىۋان تاغلىرى،

كۆندۈرۈلمىگەن بۇقىدەك تاقلاپ كېتەر سىريون* تېغى.

7پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چاقتۇرار چاقماقلارنى.

8پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى،

پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى.

9ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى،*

يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى.

«ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.

10توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە،

پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.

11پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە،

تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.



*5لىۋان _ چوڭ، سۈپەتلىك كېدىر دەرەخلىرى بىلەن تونۇلغان، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاغ تىزمىسىدۇر.

*6سىريون _ لىۋاننىڭ ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى بولۇپ، ئۇ يەنە خەرمون تېغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

*9تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى _ بەزى تەرجىمىلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدىن ماراللارنىڭ قورسىقىدىكى ئوغلاقلىرى چۈشۈپ كېتەر» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى