« زەبۇر »

22

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «تاڭ سەھەردىكى چىشى جەرەن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟

قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟

ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.

2ئى رەببىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى،

ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى.

3لېكىن سەن شۈبھىسىزكى، مۇقەددەستۇرسەن،

ئىسرائىللارنىڭ مەدھىيەسىنى تەخت قىلىپ ئولتۇرغۇچىسەن.

4ئەجدادلىرىمىز باغلىغاندۇر ساڭا ئىشەنچىسىنى،

باغلىدى ساڭا ئىشەنچىسىنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ئۇلارنى.

5نالە-زار قىلىپ رەببىم ساڭا ئامان قالدى ئۇلار،

ساڭا ئىشەنچ قىلغانلىقتىن ئۇياتتا قالمىدى ئۇلار.

6ئەمما، مەن ئىنسان ئەمەس بەلكى قۇرت كەبى،

ئىنسانلار ئارىسىدا خار ۋە زەبۇندۇرمەن،

ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەمسىتىلگەندۇرمەن.

7كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى.

دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:

8«پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمىدى ئۇ ئۆزىنى،

قۇتقۇزسۇن پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى.

ئەگەر پەرۋەردىگار شادلانغان بولسا ئۇنىڭدىن،

قېنى، قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن ئۇنى!»

9لېكىن، سەن ئانامنىڭ قارنىدىن تۇغدۇردۇڭ مېنى،

ئەمچەكتىكى چېغىمدىلا تايانچىم قىلغانىدىم سېنى.

10مېنىڭ خۇدايىم ئىدىڭ مەن ئاپىرىدە بولغاندىلا،

ساڭا تاپشۇرۇلغانىدىم قورساقتىكى چېغىمدىلا.

11كەتمىگىن تاشلاپ مېنى يىراققا،

كەلمەكتە كۈلپەتلەر قىستاپ مېنى،

ياردەم قىلماس ھېچكىم ماڭا.

12نۇرغۇن بۇقىلار قورشاۋغا ئالدى مېنى،*

باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى ئورىۋالدى ئەتراپىمنى.

13ئولجا تالىشىپ ھۆركىرىۋاتقان شىردەك ئۇلار گويا،

ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى خىرىس قىلىشىپ ماڭا.

14گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم،

ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم،

گويا شام بولۇپ ئىچىمدە ئېرىدى يۈرىكىم،

ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم.

15قۇرىدى كۈچ-مادارىم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا،

چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا،

قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا.

16قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر،

ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار،

پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.

17كۆرۈنۈپ قالدى سۆڭەكلىرىم مانا،

ھومىيىپ تۇرماقتا ئۇ رەزىللەر ماڭا.

18بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى،

چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى.

19ئى پەرۋەردىگار، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا،

مەدەتكارىم خۇدا تېزدىن ياردەم قىلغىن ماڭا.

20قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى،

ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى.

21تارتىۋال مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن،

تېنىمنى ياۋا بۇقىلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن.

22جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا،

مەدھىيەلەيمەن سېنى ئېتىقادچىلىرىڭ ئارىسىدا.

23ئەي ئىخلاسمەنلەر پەرۋەردىگارغا، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار،

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار،

ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.

24چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى خورلانغانلارنى،

ئۇلاردىن يىرگەنمىدى ھەم يوشۇرمىدى ئۆزىنى،

بەلكى، ئاڭلىدى ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى.

25مەدھىيەلىرىمنىڭ ئىلھامىدۇرسەن بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا ئى خۇدا،

ئادا قىلاي قەسەملىرىمنى ساڭا ئىخلاسمەنلەرنىڭ ئالدىدا.

26ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن،

پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى،

خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.

27يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر،

ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.

28بەرھەق، ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى تەۋەدۇر پەرۋەردىگارغا،

ئۇ سەلتەنەت يۈرگۈزەر بارلىق مىللەت، ئەللەر ئارا.

29سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار،

تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار.

30بولۇر بىر ئەۋلاد پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە،

ئىگە بولار ئۇچۇرغا ئەۋلادلار ئىگەم ھەققىدە.

31جاكارلىنار كېيىنكى ئەۋلادلارغا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى،

بايان قىلىنار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى.



*12بۇ ئايەتتە «بۇقىلار» دۈشمەنگە سىمۋول قىلىنغان. «باشان» ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى يەر بولۇپ، ئۇ يەر ئەينى چاغدا كۈچلۈك ۋە يوغان بۇقىلىرى بىلەن داڭ چىقارغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى