« زەبۇر »

2

1نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟

نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟

2سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار،

ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار،

پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.

3دەيدۇ ئۇلار: «ئۈزۈپ تاشلاپ ئۇلار سالغان كىشەنلەرنى،

چۆرۈۋېتەيلى بوينىمىزدىكى سىرتماقلارنى.»

4مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە،

پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە.

5ئەيىبلەر ئۇلارنى غەزەپ بىلەن،

ۋەھىمىگە سالار قەھرى بىلەن.

6دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _

تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»

7ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى،*

دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن،*

جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.

8سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى،

تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.

9تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى،

ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.»

10ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى، ئەي پادىشاھلار،

ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار.

11پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار،

شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.

12ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا،

تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا،

ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا.

نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.



*77-ئايەتتىن باشلاپ 9-ئايەتكىچە پادىشاھنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

*7سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن _ بۇ خۇدا بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇناجاتتا پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئالەمنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ «پادىشاھ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، زېمىننى باشقۇرىدىغان پادىشاھنى «ئوغلۇم» دەپ ئاتىغان. قەدىمكى زاماندا چوڭ پادىشاھلىقلار بىلەن كىچىك پادىشاھلىقلا ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىچىلىق مۇناسىۋەت «ئاتا-بالا» مۇناسىۋىتى بويىچە تەسۋىرلەنگەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى