« زەبۇر »

140

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى،

زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى.

2يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە،

جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە.

3زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى،

يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ

4ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن،

پۇتلىرىمنى ئامان قىلغىن زوراۋانلارنىڭ پۇتلىشىدىن.

5يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار،

ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار،

يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ

6پەرۋەردىگار «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم،

قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا، ئى ئىلاھىم.

7ئى رەببىم پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك نىجاتكارىمسەن،

جەڭلەردە قالقان بولۇپ بېشىمنى قوغدىغانسەن.

8ئى پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلمىغايسەن رەزىللەرنىڭ ئۈمىدىنى،

ئەمەلگە ئاشۇرمىغايسەن ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى،

بولمىسا ئۇلار چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ئۆزلىرىنى. سېلاھ

9تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ،

يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ.

10قىپقىزىل چوغلار چۈشسۇن ئۇلار ئۈستىگە،

تاشلىۋېتىلسۇن ئۇلار ئوتلار ئىچىگە،

قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭنىڭ تېگىگە.

11يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار،

ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.

12بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار،

يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.

13بەرھەق، ساڭا شۈكۈر ئېيتار ھەققانىيلار،

ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ دۇرۇس يولدا ماڭغانلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى