« يوشۇۋا »

1

پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا كەنئاننى ئىگىلەشنى بۇيرۇشى

1پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2_ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرگىن. 3مەن مۇساغا قىلغان ۋەدەم بويىچە، سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن. 4سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆلدىن شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ. 5سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.

6سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى، سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن. 7سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارىدىكەنسەن ھەممە ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ. 8تەۋرات قانۇنى ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز تەۋرات قانۇنى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 9مەن ساڭا بۇيرۇغان ئەمەسمۇ! سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، پەرۋەردىگارىڭ _ سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ مەن ساڭا يار بولىمەن.

10شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا خەلقنىڭ سەردارلىرىغا بۇيرۇق بېرىپ:

11_ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن بىز پەرۋەردىگار _ بىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى.

12يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى:

13_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسىلەر. مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى بۇ زېمىننى سىلەرگە ماكانلىشىشقا ئاتا قىلدى.» 14سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا تۇرسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قولىغا قورال-ياراغ ئېلىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇلارغا ياردەمدە بولسۇن. 15پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ.

16ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز. 17بىز ساڭا مۇسا پەيغەمبەرگە بويسۇنغاندەك بويسۇنىمىز. پەرۋەردىگارىمىز _ خۇدا بۇرۇن مۇسا پەيغەمبەرگە يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن. 18كىم سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قارشى چىقىدىكەن، بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنمايدىكەن، ئۇ چوقۇم جېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن. بىراق سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول!

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى