« يوئېل »

1

1بۇ پەرۋەردىگاردىن پىتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا كەلگەن ۋەھىيلەردۇر.

چېكەتكە ئاپىتى

2ئەي ئاقساقاللار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي يەھۇدىيە خەلقى، ئاڭلاڭلار!

ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا

يۈز بېرىپ باققانمۇ بۇنداق ئىشلار؟

3بۇ ئىشلارنى پەرزەنتلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار،

پەرزەنتلىرىڭلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن.

ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن.

4بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى،

ئۇنىڭدىن قالغىنىنى بىر توپ كۈزلۈك چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى،

ئۇنىڭدىن قالغىنىنى يېڭى بىر توپ پىيادە چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى،

ئۇنىڭدىنمۇ قالغىنىنى باشقا بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى.

5ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار.

ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار.

يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار!

6بىر توپ چېكەتكە خۇددى بىر ئەلگە ئوخشاش،

زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلدى.

ئۇلار كۈچلۈك ھەم سان-ساناقسىز ئىدى.

ئۇلاردا ئەركەك شىرنىڭ چىشلىرى،

چىشى شىرنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى بار ئىدى.

7ئۇلار ئۈزۈمزارلىقىمىزنى ۋەيران قىلدى،

ئەنجۈرلۈكىمىزنى پايخان قىلدى

ۋە ئۇلارنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇپ،

پەقەت قۇرۇق شاخلىرىنى قالدۇردى.

8ئەي خەلقىم، سىلەر توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يىگىتى ئۆلۈپ كەتكەن قىزغا ئوخشايسىلەر،

ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار.

9پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا.

10ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى،

يەرلەر ھازا تۇتماقتا.

ئاشلىقلار خاراب بولدى،

شاراب تۈگىدى،

زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.

11ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار!

ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار!

چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى.

پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى.

12ئۈزۈم تاللىرى قۇرۇدى،

ئەنجۈرلەر سولىشىپ قالدى،

باغدىكى ئانار، خورما ۋە ئالما دەرەخلىرى ئۆلدى.

كىشىلەردە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.

توۋا قىلىشقا چاقىرىش

13ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار.

ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار،

ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار.

چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا

سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.

14روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار،

مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار.

زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ،

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.

15پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى،

ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر!

ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.

16يېمەكلىكلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئېلىپ كېتىلدى.

خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى شاد-خۇراملىق غايىب بولدى.

17ئۇرۇقلار تۇپراقتا سېسىپ كەتتى،

زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتتى،

ئاشلىق ئامبارلىرى بوش قالدى،

ئۇلار خاراب بولدى.

18چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا،

كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا،

قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا.

19ئى پەرۋەردىگار، ساڭا يالۋۇرىمەن،

چۈنكى ئوتلاقلارنى ئوت يالماپ كەتتى،

دالادىكى دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى.

20ياۋايى ھايۋانلارمۇ ھالسىراپ، سەندىن ياردەم كۈتىدۇ.

چۈنكى ئېرىقلار قۇرۇپ كەتتى،

دالادىكى ئوتلاقلارنى ئوت كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى