« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

13

ئىبرام بىلەن لۇتنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى

1ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب رايونىغا باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. 2ئىبرام باي بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ بار ئىدى. 3كېيىن، ئۇ نەگېب رايونىدىن ئايرىلىپ، ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە قايتا باردى. ئۇ بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا، يەنى ئۇ تۇنجى قېتىم ئورۇنلىشىپ، 4قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان يەرگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

5ئىبرام بىلەن ماڭغان لۇتنىڭمۇ مال-ۋارانلىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى. 6بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ پادىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي قالغانىدى. 7شۇڭا، ئىبرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىپ قالدى. (ئۇ چاغدا، كەنئانلىقلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا كەنئان رايونىدا تۇراتتى.)

8شۇڭا، ئىبرام لۇتقا:

_ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن. 9ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.

10لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا، پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)

11شۇڭا، لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى. 12ئىبرام كەنئاندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى. 13سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.

ئىبرامنىڭ ھىبرونغا كۆچۈشى

14لۇت ئىبرامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا:

_ سەن تۇرغان جايىڭدىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ باق. 15سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپ. 16مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ. 17ئورنۇڭدىن تۇر. بۇ زېمىننى كېزىپ چىق. مەن ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلدىم! _ دېدى.

18بۇنىڭ بىلەن، ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى