« چۆلدە »

1

ئىسرائىللارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى،* پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

2-3_ ھارۇن ئىككىڭلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئېلىڭلار ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇنلىرى بويىچە رويخەتكە پۈتۈڭلار. 4ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن. 5تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:

رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،

6شىمون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل،

7يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،

8ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل،

9زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب،

10يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،

يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل،

11بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان،

12دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر،

13ئاشېر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل،

14گاد قەبىلىسىدىن دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف،

15نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا.

16بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى.

17مۇسا بىلەن ھارۇن تاللانغان بۇ ئەرلەرگە چاقىرىق قىلىپ، 18شۇ كۈنى پۈتۈن جامائەتنى بىر يەرگە يىغدى ۋە پۈتكۈل خەلقنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇردى. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى. 19پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.

20-21ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن 46,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

22-23شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

24-25گاد قەبىلىسىدىن 45,650 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

26-27يەھۇدا قەبىلىسىدىن 74,600 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

28-29ئىسساكار قەبىلىسىدىن 54,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

30-31زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 57,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

32-33يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 40,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

34-35يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن 32,200 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

36-37بىنيامىن قەبىلىسىدىن 35,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

38-39دان قەبىلىسىدىن 62,700 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

40-41ئاشېر قەبىلىسىدىن 41,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

42-43نافتالى قەبىلىسىدىن 53,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.

44يۇقىرىقىلار مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قەبىلىلىرى بويىچە رويخەتكە ئالغان ئادەملەرنىڭ سانىدۇر. 45يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ياراملىق ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، 46جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى.

لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئالاھىدە مەرتىۋىسى

47لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا قەبىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى. 48چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: 49«لاۋىي قەبىلىسىنى باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئالما. 50ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. 51ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. 52قالغان بارلىق ئىسرائىللار ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تۇغى ئاستىدا توپ-توپى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكسۇن. 53لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»

54ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.



*12-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى