« مىسىردىن چىقىش »

37

ئەھدە ساندۇقىنى ياساش

1بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر ساندۇق ياسىدى. 2ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتتى. 3ئۇ يەنە ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا، ھەربىر تەرىپىگە ئىككىدىن ئورناتتى. 4-5ساندۇقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئىككى ياندىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزدى. 6ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ياسىدى. 7ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، 8«مېھىر-شەپقەت تەختى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، تەخت بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈردى. 9قاناتلىق ھەيكەللەر ئۇدۇلمۇئۇدۇل قويۇلغان ھالدا تەختنىڭ يۈزىگە قارىشىپ، قاناتلىرىنى ئېچىپ «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى يېپىپ تۇرىدىغان بولدى.

شىرە

10ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز، كەڭلىكى ئەللىك، ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر شىرە ياسىلىپ، 11ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى ھەم ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇلدى. 12شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك كەڭلىكتە پەۋاز قويۇلۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئالتۇن جىيەك تۇتۇلدى. 13كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن تۆت ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتىغا ئورنىتىلدى. 14بالداقلارنىڭ ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھالقا پەۋازغا يېقىن ئورنىتىلدى. 15بالداق ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. 16شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋاق، تەخسە، چەينەك ۋە پىيالىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالدى.

چىراغداننى ياساش

17ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان سوقۇلدى. چىراغداننىڭ پۇتى بىلەن تۈۋرۈكى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بىر پۈتۈن قىلىندى. 18چىراغداننىڭ ئىككى يېنىغا ھەر تەرەپكە ئۈچتىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى. 19ھەربىر شاخچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ تال قەدەھ بولدى. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالدى. 20چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىنىڭ ئۇچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى تۆت تال قەدەھ بولدى. 21چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىدىن ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ ئاستىغا تۈگۈن چىقىرىلدى. چىراغداننىڭ ئالتە شېخىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. 22پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلدى. 23چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورنىتىلدى. 24چىراغدان، ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ئوتتۇز تۆت كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالدى.

ئىسرىقداننى ياساش

25ئىسرىقدان ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالدى. ئۇ تۆت چاسا بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن قىلىندى. 26ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت تەرىپى ۋە تۆت مۈڭگۈزى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسىگە ئالتۇن جىيەك تۇتۇلدى. 27ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياسىلىپ، ئىككى ياندىكى جىيەكلەرنىڭ ئاستىغا بېكىتىلدى. 28بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى.

29خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەش ئۇسۇلى بويىچە مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلار ياسالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى