« مىسىردىن چىقىش »

23

ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق

1_ ئىغۋا تارقاتما. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسما. 2كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلما. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىما. 3دەۋادا كەمبەغەلگىمۇ يان باسما.

4ئەگەر دۈشمىنىڭنىڭ كالىسى ياكى ئېشىكىنىڭ ئېزىپ يۈرگىنىنى كۆرسەڭ، ئۇلارنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەر. 5ئەگەر دۈشمىنىڭنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بەر. 6دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلما. 7تۆھمەت چاپلاپ ئەرز قىلما. بىگۇناھ توغرا ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمە. چۈنكى، مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن. 8پارا ئالما، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ.

9ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى بوزەك قىلما. چۈنكى، مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا، ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان.

يەتتىنچى يىل ۋە يەتتىنچى كۈن

10_ ئالتە يىل دېھقانچىلىق قىلىپ، ھوسۇل جۇغلا. 11يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ، ئاق تاشلىۋەت. ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەر يىغسۇن. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭنىمۇ شۇنداق قىل.

12ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئال. ئۇلاغلىرىڭ، قۇللىرىڭ ۋە ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.

13مەن _ پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىل. باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلما. ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالما.

ئۈچ مۇھىم ھېيت

14_ ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىل. 15ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى قىل. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يە. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھار ئېيىدا، يەنى سىلەر مىسىردىن ئايرىلغان ئايدا ئۆتكۈزۈلسۇن. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمە. 16تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى قىل. كۈزدە ھوسۇللارنى ئامبارغا يىغقىنىڭدا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى قىل. 17ھەر يىلى بۇ ئۈچ ھېيتتا، پۈتكۈل ئەرلەر ماڭا _ ئىگەڭلار خۇدانىڭ ئالدىغا كەلسۇن.

18ماڭا قۇربانلىق قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىللە ئاتىما. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىما.

19ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا.

ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما.

خۇدانىڭ پەرىشتىسىنىڭ يوللارنى تەييارلىشى

20_ پەرىشتەمنى ئالدىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سېنى قوغداپ، سېنى مەن ساڭا تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. 21سەن ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال، قارشىلىق كۆرسەتمە. بولمىسا، ئۇ گۇناھىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ. 22ئەگەر سەن سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، دۈشمىنىڭگە دۈشمەن، رەقىبىڭگە رەقىب بولىمەن. 23مېنىڭ پەرىشتەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ، سېنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى يوقىتىمەن. 24ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئېگىپ ئىبادەت قىلما، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى دورىما، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۇرۇپ چېقىۋەت. 25سەن پەقەت ماڭا _ پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئىبادەت قىل، يېمەك-ئىچمىكىڭگە بەرىكەت بېرىمەن، سېنى پۈتۈن كېسەللەردىن خالاس قىلىمەن. 26ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن.

27سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سېنىڭدىن چۆچۈيدىغان، سېنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن. 28دۈشمەنلىرىڭنى پاراكەندە قىلىپ، سەن ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن بۇرۇنلا، خىۋلار، كەنئانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن. 29لېكىن، يەرلەرنىڭ ئاق قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھازىرچە پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمەيمەن. 30سىلەرنىڭ نوپۇسۇڭلارنىڭ كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى قاپلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ھەيدەپ چىقىرىمەن. 31سېنىڭ يۇرتۇڭنىڭ چېگرىسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن ساڭا يەرلىك ئاھالىنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سەن ئىلگىرىلەپ كىرگەن ۋاقتىڭدا، ئۇلارنى ھەيدىۋېتەلەيسەن. 32ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن بىرەر ئەھدە تۈزمە. 33ئۇلارنى زېمىنىڭدا تۇرغۇزما. بولمىسا، ئۇلار سېنى گۇناھقا باشلايدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭ، بۇ ساڭا ئەجەللىك تۇزاق بولىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى