« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

3

پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنى چاقىرىشى

1بالا سامۇئىل ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەر ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەم ئىدى. 2بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى. 3پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخى يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقى* بولسا شۇ يەردە ئىدى. 4شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى.

_ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە 5ئەلىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى.

_ ياق، سېنى مەن چاقىرمىدىم، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئەلى.

سامۇئىل قايتىپ بېرىپ ياتتى. 6پەرۋەردىگار يەنە:

_ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى.

_ چاقىرمىدىم بالام، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئۇ.

7شۇ چاغقىچە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى سامۇئىلغا تېخى ئايان بولمىغاچقا، ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. 8پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى.

ئەلى شۇ چاغدا، بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. 9ئەلى سامۇئىلغا:

_ بېرىپ، جايىڭدا يات، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى.

سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.

10پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك:

_ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

_ سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.

11پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. 12شۇ چاغدا مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 13مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى. 14شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى.

15سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. 16ئەلى ئۇنى:

_ ئى ئوغلۇم سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

_ لەببەي، مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.

17ئەلى ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى ئېغىر جازالىغاي! _ دېدى.

18شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا:

_ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

19سامۇئىل چوڭ بولغانسېرى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆزلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمىدى. 20شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى دان شەھىرىدىن، جەنۇبىدىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان زېمىندا ياشايدىغان پۈتكۈل ئىسرائىللار سامۇئىلنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار تاللىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 21پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆز سۆزى بىلەن سامۇئىلغا ئايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.



*3«تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 25-باب 10-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى