خۇدا خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر

« زەبۇر » 4- مۇناجات

8ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان،

چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى

پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن. [داۋامى]

« زەبۇر » 29- مۇناجات

11پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە،

تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە. [داۋامى]

« زەبۇر » 34- مۇناجات

14يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق،

ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

7پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى،

پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 45- باب

7مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم.

مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن.

مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 26- باب

3ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا

سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان.

4ھەر دائىم پەرۋەردىگارغا تايىنايلى،

چۈنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك پاناھلىنىدىغان قورام تاشتۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 33- باب

6ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر.

پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

27سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

33بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

1شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ.

8قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار. 9مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

15ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى، سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىناقلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

16ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى