ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نوپۇزلۇق تەلىملىرى

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

1ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى كۆرۈپ دۆڭگە چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى:

3_ ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.

4قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.

5مۇلايىم بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر ئۇلار.

6ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.

7باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.

8قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ.

9تىنچلىق تەرەپدارلىرى نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى پەرزەنتىم دەيدۇ.

10خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.

11مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 12شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.

13_ سىلەر يەر-يۈزىنىڭ تۇزىدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.

14سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. 15يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ. 16خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.

17_ مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. 18بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، تەۋراتنىڭ بىر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. 19شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ماددىلىرىدىن ھەتتا ئەڭ كىچىكلىرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. 20شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر خۇداغا بويسۇنۇشتا تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىنمۇ ئېشىپ كەتمىسەڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيسىلەر.

21_ ئەجدادلىرىمىزغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوتقا تارتىلىدۇ» دېيىلگەن تەلىمنى ئاڭلىغانسىلەر. 22لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ. 23شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇداغا ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭلاردا، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە قورساق كۆپۈكى بارلىقى يادىڭلارغا يەتسە، 24ھەدىيەڭلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭلارنى ئاتاڭلار.

25ئەگەر ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلماقچى بولغان بىرى بولسا، سوتقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرۇپ زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ. 26بىلىپ قويۇڭلاركى، قويۇلغان جەرىمانىنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر.

27_ سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 28لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. 29شۇڭا، ئەگەر ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى، پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزانىڭ نابۇت بولغىنى كۆپ ئەۋزەل. 30ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى، پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا كىرگىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزادىن ۋاز كەچكىنىڭ كۆپ ئەۋزەل.

31_ سىلەر «كىمدەكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان. 32بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.

33_ سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا «قەسەمدىن قايتما، پەرۋەردىگارىڭغا قىلغان قەسىمىڭدە تۇر» دېيىلگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 34لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار. ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش ئۇلۇغ پادىشاھ خۇدانىڭ تەختىدۇر. 35ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى زېمىن خۇدانىڭ پۇت قويىدىغان يېرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ شەھىرىدۇر. 36ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىشكە قۇربىڭلار يەتمەيدۇ. 37پەقەت «ھەئە» دېگىنىڭلار «ھەئە»، «ياق» دېگىنىڭلار «ياق» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى شەيتاندىن كېلىدۇ.

38_ سىلەر «قانغا قان، جانغا جان» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 39لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. 40بىرسى ئۈستۈڭلاردىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭلارنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 41مۇبادا بىرى سىلەرگە يۈك-تاقىسىنى يۈدۈتۈپ بىر چاقىرىم يول يۈرۈشكە زورلىسا، يەنە بىر چاقىرىم ئارتۇق يول يۈرۈپ بېرىڭلار. 42بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.

43_ سىلەر «قوشناڭنى سۆي، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 44لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. 45شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. 46ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ 47ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 48شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

1_ دىققەت قىلىڭلاركى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.

2خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭلاردا، داۋراڭ سالماڭلار. ساختىپەزلەرلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىبادەتخانا ۋە كوچىلاردا شۇنداق قىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. 3شۇنىڭ ئۈچۈن، سەدىقە بەرگىنىڭلاردا ئوڭ قولۇڭلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭلار بىلمىسۇن. 4سەدىقەڭلارنى يوشۇرۇن بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، يوشۇرۇن قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

5_ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

6دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

7دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك. 8سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

«ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

10پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي.

ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي.

11كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

12بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.

بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »

14سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. 15بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.

16_ روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پەرىشان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. 17سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار. 18شۇ چاغدا، پەقەت ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلاردىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتقانلىقىڭلارنى سېزەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

19_ يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. 20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، داتلاشمايدۇ، ئوغرىمۇ ئالمايدۇ. 21بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

22كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. 23ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

24ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

1_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. 2چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ. 3نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! 4ئۆزۈڭدە شۇنچە چوڭ گۇناھ تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ 5ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

6_ ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.

7_ دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 8چۈنكى، تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ. 9ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟ 10بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 11گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟

12باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ.

13_ تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى، كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ، يول ئاسان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن كىرىدىغانلار كۆپ. 14بىراق، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.

15_ ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. 16سىلەر ئۇلارنى «مېۋىلىرى»دىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈم، قامغاقتىن ئەنجۈر ئالغىلى بولمايدۇ. 17ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، يامان دەرەخ يامان مېۋە بېرىدۇ. 18ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ. يامان دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 19ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 20شۇنىڭدەك، ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ «مېۋىلىرى»دىن تونۇۋالالايسىلەر.

21_ مېنى «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. پەقەت ئەرشتىكى خۇدائاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. 22قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۇق» ۋە «سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. 23ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار» دەيمەن.

24_ دېمەك، بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار ئىمارەتنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. 25بوران سوقۇپ، يامغۇر ئۇرۇپ، كەلكۈن كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىمارەت ئۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. 26بىراق، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئىمارەتنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقلەرگە ئوخشايدۇ. 27ئۇنداق ئىمارەت بوران، يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆرۈلگەندىمۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ئۆرۈلىدۇ!

28ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. 29چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى، تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى