ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ جىن چاپلاشقان ئادەمنى ساقايتىشى

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

1ئۇلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرىدىغان يەرگە باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. 3ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ھەتتا زەنجىر بىلەنمۇ باغلاپ قويالمايتتى. 4بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. 5كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى.

6ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى 7ۋە قاتتىق ۋارقىراپ:

_ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! _ دېدى. 8سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى.

9ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن 10ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

11شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. 12جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىزنى مۇشۇ توڭگۇز پادىسىغا ھەيدىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگىن، _ دەپ يالۋۇرۇشتى. 13ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىجازىتى بىلەن جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى مىڭغا يېقىن توڭگۇز پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.

14توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خالايىقمۇ ئەھۋالنى كۆرگىلى چىقىشتى. 15ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 16بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خالايىققا سۆزلەپ بەردى. 17بۇنىڭ بىلەن، خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

18ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىن چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا:

_ مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، _ دەپ يالۋۇردى.

19لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي:

_ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى يەتكۈزگىن، _ دېدى. 20ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ئون شەھەر رايونىدا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى