ھۆكۈمەت

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

28يۆتكىمە قەدىمدە ئەجدادىڭ بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 20- باب

20شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئۈچۈن، پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ۋالىينىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى. 21ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا مۇنداق دېدى:

_ ئۇستاز، بىزگە مەلۇمكى، سىزنىڭ تەلىماتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەق، شۇنىڭدەك سىز يۈز-خاتىر قىلماي، ھامان خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. 22سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ، قانداق؟

23ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى چۈشەنگەن ھەزرىتى ئەيسا:

24_ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ _ دېدى.

_ رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

25_ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

10_ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بولغىنىدەك، كرېستكە مىخلاشقىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس.

11_ سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

1ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق ھاكىمىيەت خۇدادىن كەلگەن ھەم ھۆكۈمەتنى خۇدا ئۆزى تىكلىگەن. 2شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. 3توغرا يولدا ماڭغانلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقمايدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭغانلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا توغرا يولدا ماڭ. ئۇ چاغدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىسەن. 4چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭساڭ، ئەلۋەتتە قورقۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقى بار-دە! ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يامان يولدا ماڭغۇچىلارنى جازالاشقا تەيىنلەنگەن. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر.

6باج تاپشۇرۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇدۇر. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان خىزمەتكارلىرىدۇر. 7ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

1ئالدى بىلەن سەندىن ۋە بارلىق ئېتىقادچىلاردىن پۈتكۈل ئىنسان ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلەشنى، خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشنى ۋە خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىشنى، 2بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ. 3بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ياخشىدۇر. ئۇ، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 4خۇدا پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 3- باب

1سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن. 2ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقىي كەمتەرلىكىنى كۆرسەتسۇن.

3چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق. 4لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. 5بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. 6قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. 7بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

13-14رەببىمىزنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھوقۇقدارلارغا، يەنى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىيلارغا بويسۇنۇڭلار. بۇ ھوقۇقدارلار يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن. 15خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشتۇر. 16سىلەر ئەركىن ئادەم بولۇپ، ھېچكىم سىلەرنىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق قىلىش-قىلماسلىقىڭلارنى مەنئى قىلالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكنى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماي، خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇپ ياشاڭلار، 17بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 6- باب

15دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. 16ئۇلار تاغ-داۋانلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ۋە قوزىنىڭ غەزىپىدىن توسۇپ قېلىڭلار! 17چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى