ئاتا-ئانىلار

« زەبۇر » 127- مۇناجات

3پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر،

ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.

4تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا،

ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا.

5بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا،

چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا،

يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

6ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار،

بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟

7ھەققانىي ئادەم دىيانەت يولىدا ماڭار،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بەختلىك بولار! [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

6تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ،

پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

5رەت قىلار ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى،

زېرەك بولار تەنبىھكە قۇلاق سالغۇچى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

24ئوغلىدىن تاياقنى ئايىسا، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلىك بولار،

ئوغلىنى سۆيسە، دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەربىيە قىلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 23- باب

13بالاڭدىن تۈزىتىش تەربىيىسىنى ئايىما،

ئۇ ئۆلۈپ قالماس تاياق بىلەن سالغانغا.

14گەر ئۇرساڭ تاياق بىلەن ئۇنى،

ساقلاپ قالارسەن ئەجەلدىن ئۇنىڭ جېنىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

6تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا،

چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

15نادانلىق قاپلىغاندۇر بالىلارنىڭ قەلبىنى،

نادانلىقنى قوغلىغۇچىدۇر تەربىيە تايىقى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

15تاياق ۋە تەنبىھ ئەقىل تاپقۇزار بالىغا،

ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئۇيات كەلتۈرەر ئانىسىغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

17ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئارام تاپقۇزار ئۇ سېنى،

سۆيۈندۈرەر ھەم كۆڭلۈڭنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

37ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. پەرزەنتلىرىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

4ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

21ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارغا بولغان مۇئامىلىدە ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويماڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار پەرزەنتىڭلار چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

11سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھەربىرىڭلارغا ئاتا پەرزەنتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەندەك ئەجىر سىڭدۈردۇق، 12سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 3- باب

4ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. 5چۈنكى، ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

5خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟

«پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما،

ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،

6چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ،

پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.»

7ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى پەرزەنتىم دەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمىسۇن؟ 8شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئالىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم بولساڭلار، ھەقىقىي پەرزەنتكە ئەمەس، بەلكى ئاتا تەربىيىسى كۆرمىگەن ھارامدىن بولغان پەرزەنتكە ئوخشاپ قالىسىلەر. 9يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىزنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟

10يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىز بىزنى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ۋاقىتلىق تەربىيىلەيدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ تەربىيىسى ھەمىشە بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇ بىزنى ئۆز پاكلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى