روھىي چۈشكۈنلۈك

« زەبۇر » 3- مۇناجات

1نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار،

شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.

2دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن:

«يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» سېلاھ

3ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن،

شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.

4پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا،

ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ [داۋامى]

« زەبۇر » 9- مۇناجات

9پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە،

پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.

10سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر

ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا،

چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن

ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا. [داۋامى]

« زەبۇر » 30- مۇناجات

11ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى،

سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى،

باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.

12شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا،

ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا. [داۋامى]

« زەبۇر » 34- مۇناجات

17قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار،

ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.

18مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار،

روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار. [داۋامى]

« زەبۇر » 40- مۇناجات

1سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى،

قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى.

2تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن،

چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن.

قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى،

مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.

3پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى،

ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى.

نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى،

پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 42- مۇناجات

5ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟!

ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟!

ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى،

خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.

6ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى،

شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى،

ئىئوردان زېمىنىدا،

خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا. [داۋامى]

« زەبۇر » 139- مۇناجات

7نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن،

نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.

8ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە،

لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.

9پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ،

تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.

10ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ،

يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ.

11مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا،

ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا،

12تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا،

كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار،

قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 15- باب

13ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

8قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى توغرا تاپتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئاستىدا ھەتتا ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەنىدۇق. 9كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 7- باب

9ھازىر خۇشالمەن. سىلەرنى قايغۇغا سالغانلىقىمغا ئەمەس، بۇ قايغۇنىڭ سىلەرنى توۋا قىلىشقا ئېلىپ بارغانلىقىغا خۇشالمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇنداق قايغۇغا چۆكۈشۈڭلار خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى. شۇڭا ئېيتالايمەنكى، بىز سىلەرنى قايغۇغا سالغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق زىيان تارتمىدىڭلار. 10چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

4رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! 5خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

6ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 7- باب

13شۇ چاغدا، يېتەكچىلەردىن بىرى مەندىن:

_ ئاق تون كىيگەن بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ _ دەپ سورىدى.

14_ تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، _ دېدىم.

ئۇ ماڭا:

_ بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر. 16ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

3تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، 4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»

5بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى. 6ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن. 7غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى