مۇلايىملىق

« زەبۇر » 11- مۇناجات

[داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر،

ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

17نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر،

ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

26ئۇ دانالىق بىلەن سۆزلەر،

مېھرىبانلارچە نەسىھەت بېرەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

42بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 2- باب

3بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلامسەن؟ 4خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

7دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. 8ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. 9بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. 15خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

10باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 13- باب

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

22ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

10شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

29ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار. 30خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

12خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار. 13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. 14ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

13لېكىن سىلەر، قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

8يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار. 9يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

17ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 18ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى