گۇناھتىن ئازابلىنىش

« زەبۇر » 25- مۇناجات

11ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ئۆز نامىڭنىڭ ھۆرمىتىنى،

گۇناھلىرىم كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن مېنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

8ئەگرىدۇر گۇناھكارنىڭ يولى،

دۇرۇستۇر پاكنىڭ ئىش-ھەرىكىتى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 59- باب

1قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس،

قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس.

2لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ،

گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى،

ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ.

3قوللىرىڭلار قان بىلەن،

بارماقلىرىڭلار جىنايەت بىلەن بۇلغانغاندۇر.

ئاغزىڭلار يالغانچىلىققا تولغان بولۇپ،

تىلىڭلاردىن رەزىل سۆزلەرلا چىقىدۇ.

4ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ،

ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ،

ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ،

يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 59- باب

12ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە،

گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا،

بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز.

گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز:

13ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر،

خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز،

ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ،

كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ.

14ئادالەت چېكىندى،

ھەققانىيەت يىراقتا،

سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن،

ئادىللىق كېلەلمەيدۇ.

15سەمىمىيەت ئازلىغان،

ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولمايدۇ،

چۈنكى ئادالەت يوقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

39_ دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

40ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:

_ بۇ بىزنىمۇ كور دەپ قارىغانلىق ئەمەستۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

41_ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

21مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. 22ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

1شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 1- باب

4سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 5چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى. 6بۇ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 7سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھېچقانداق ھەدىيىدىن كەم قالمىدىڭلار. 8سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئېتىقادىڭلارنى تا ئاخىرغىچە مۇستەھكەملەيدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى