پەيغەمبەرلەر

ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنىڭ يالىڭاچلىقى راستمۇ؟ ئەگەر بۇ راست بولسا، نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى جەمىئەتتە ئوچۇق كىيىنىشنى توسىدۇ؟[داۋامى]
قىسسەسۇل ئەنبىيادا ئىبلىس قۇشنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنۈپ، قابىلنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئىنىسىنى قانداق ئۆلتۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئىنجىلدا بۇنىڭغا ئوخشاش قىسسە بارمۇ؟[داۋامى]
ھازىرقى دۇنيا زوراۋانلىققا تولغان بولۇپ، ئادەملەر بىربىرىنى ھېچ قانداق سەۋەبسىزلا ئۆلتۈرۈشىدۇ. خۇدا نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا يول قويىدۇ؟ بۇ قانداق پەيدا بولدى؟[داۋامى]
تەۋراتنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلىمەن. مەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق بىلىمگە بەك قىزىققانتىم. ئۇنى قەيەردىن تاپىمەن؟[داۋامى]
مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە بەنى ئىسرائىل توغرىسدىكى بىر كىنونى كۆرگەن. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قىسسىنى قۇرئان ۋە تەۋراتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىن تاپقىلى بولىدىكەن. بۇ راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا، ئۇنداقتا تەۋراتنىڭ قايسى يېرىدىن تاپالايمەن؟[داۋامى]
بىرسى ماڭا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز دۈشمىنى بولغان مىسىر پادىشاھىنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ راستمۇ؟ نېمىشقا ئاللاھ بىر قېرىنداشنى يەنە بىر قېرىندىشى بىلەن ئۇرۇشقا قويىدۇ؟ ماڭا بۇ توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار ياردىمىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت[داۋامى]
ئۆتكەن يازدا نۇھ پەيغەمبەر توغرىسىدىكى بىر كىنو كۆردۈم. بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى قۇرئاندا بار، لېكىن ئۇ توغرىسىدا كۆپ مەلۇمات يوق. مۇقەددەس كىتابتا نۇھ ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا نېمىلەر سۆزلەنگەن؟[داۋامى]
مەن بۈۋى مەريەم توغرىسىدىكى قىسسىنى قۇرئاندىن ئوقۇدۇم. ئۇ توغرۇلۇق كۆپرەك نەرسە بىلىشنى خالايمەن. ئىنجىل بۈۋى مەريەم توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟[داۋامى]
قۇرئاندا بۈۋى مەريەمنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلىكىنى ئوقۇدۇم، چۈنكى ئۇنىڭ قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى بوۋاقنىڭ ئاللاھنىڭ بىر مۆجىزىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى خورلىغان. بەزىدە مەنمۇ ئۆزۈمنى بۈۋى مەريەمگە ئوخشاش ھېس قىلىپ قالىمەن. چۈنكى مەنمۇ دائىم ئۆز ئائىلەمدىكىلەر مېنى خاتا ئەيىبلەيدۇ دەپ سېزىمەن. مەن ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ئوقۇشنى خالايمەن. ماڭا ياردەم قىلالامسىلەر؟[داۋامى]
مېنىڭ دوستۇم داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى تەۋراتتا يېزىلغان دەيدۇ. مەن ئۇ مەزمۇنلارنى قەيەردىن تاپالايمەن؟[داۋامى]
مەن قىسسەسۇل ئەنبىيادا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پەيغەمبەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىختىكى ئەڭ چىرايلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى ئوقۇدۇم. گەرچە زۇلەيخا ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھقا سادىق بولغان. قۇرئاندا بۇ پەيغەمبەر توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلار بار. تەۋرات ياكى ئىنجىلدىمۇ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا سۆزلىنەمدۇ؟[داۋامى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. منېىڭ ئىسمىم ياقۇب. دادامنىڭ دېيىشىچە ياقۇب دېگەن بۇ ئىسىم ئەسلىدە تەۋراتتىن ئېلىنغان، بۇ راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا، ئۇنى تەۋراتنىڭ قايسى جايىدىن تاپالايمەن؟ رەھمەت سىزگە.[داۋامى]
يۇنۇس دېگەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ بىر پەيغەمبىرىنىڭ ئىسمى ھەم قۇرئاندىكى بىر سۈرىنىڭ ئىسمى. تەۋرات ياكى ئىنجىلدا بۇ پەيغەمبەر تىلغا ئېلىنغانمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، دېمەك بۇ كىتابلارنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدۇ.[داۋامى]
پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە پەيغەمبەرلەر گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىكەن، بىراق باشقا بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە پەيغەمبەرلەر ياخشى ئادەملەر بولسىمۇ لېكىن ئۇلار گۇناھسىز ئەمەس ئىكەن. قايسى كۆز قاراش توغرا؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇ توغرىسىدا نېمىلەر سۆزلەنگەن؟[داۋامى]
ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشتىن بۇرۇن يەر شارىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبەر دېسەك بولامدۇ؟ ئىنجىل بۇ توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟[داۋامى]
مەن ئىسھاق پەيغەمبەر توغرۇلۇق قۇرئاندىن ئوقۇدۇم. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ئۇ توغرۇلۇق بايانلار بارمۇ؟ دادامنىڭ ئىسمى ئىسھاق بولغاچقا، مەن بىلىشنى بەك خالايمەن.[داۋامى]
ېنىڭ ھەدەم ئىسمائىل ئەلەيھىسسالمنى نۇھ ئەلەيھىسسالمنىڭ بالىسى دەيدۇ. مېنىڭچە ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى. زادى قايسىمىز توغرا؟[داۋامى]
كىچىكىمدە مومام ماڭا ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئىبراھىم پەيغەمبەر مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغانمۇ؟ مەن قەيەردىن ئۇ توغرىسىدا كۆپرەك ئۆگىنەلەيمەن؟[داۋامى]
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قانچە ياشقا كىرگەندە قازا قىلغان؟ ئۇنىڭ قانچە ئوغلى بولغان؟ ماڭا بىر جاۋاب ئەۋەتكەن بولسىڭىز، بۇ ھەقدىكى مەلۇماتنى بىلىشىمدە مۇھىم بىر سەۋەب بار ئىدى.[داۋامى]
مەن خۇدانىڭ مۆجىزىلىك ھالدا ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئايالىنى 90 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ پەرزەنت كۆرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان. بۇ راستمۇ؟ بۇنى مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى يېرىدىن تېپىپ ئوقۇشقا بولىدۇ؟[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر