« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

4

ئىبراھىم توغرىسىدا مىسال

1ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟ 2ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى يوق. 3چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» 4ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 5لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن بولغان. چۈنكى، بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 6داۋۇت پادىشاھمۇ خۇدا بىر ئادەمدە ياخشى ئەمەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىماستىن ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىسا، ئۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:

7«سەۋەنلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان

گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك

8پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ھېسابلىمىسا، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك!»

9بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، خەتنە قىلىنمىغان، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر. چۈنكى، بىز ئېيتقاندەك: «خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» 10بۇ ئىش قاچان بولغان؟ خۇدا ئىبراھىمنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىغان چاغدا، ئىبراھىم خەتنە قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغان؟ بۇ ئىشلار ئىبراھىم تېخى خەتنە قىلىنمىغان ۋاقىتتا بولغانىدى. 11ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. 12ئەگەر خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىغا تايانماي، ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئۇنىڭ خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىكى ئېتىقادى بويىچە ياشىسا، ئىبراھىم ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسى بولىدۇ.

13خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن بولغان. 14ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشكىلى بولسىدى، ئۇ چاغدا ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. 15تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.

16شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر. 17بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى. 18ئاتا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋالدىمۇ، ئىبراھىم يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، خۇداغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلىدى. نەتىجىدە، ئۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. بۇ توغرىسىدا خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ.» 19ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى. 20ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 21ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشەندى. 22شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دەپ يېزىلغان. 23-24بۇ ئايەت يالغۇز ئىبراھىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدىغان بىزلەر، يەنى رەببىمىز ئەيسانى تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان. 25ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى