« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

15

ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىمايلى

1ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. 2ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك. 3ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى ئەمەس، خۇدائاتىسىنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئى خۇدا، سەن ھاقارەت قىلىنغان چاغلاردا، ئۆزۈم ھاقارەت قىلىنغاندەك بولدۇم.» 4مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ. 5سەۋر-تاقەت ۋە رىغبەت ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا ئىناق ياشىشىڭلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاي. 6بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ۋە بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.

بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار

7شۇڭا، ئەيسا مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىسىلەر. 8سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى. 9ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «شۇڭا، سېنى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مەدھىيىلەيمەن ۋە نامىڭنى كۈيلەيمەن» دېگىنىدەك بولدى. 10مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، خۇدانىڭ تاللىغان خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» دېيىلگەن بولسا، 11يەنە بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل خەلقلەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» دېيىلگەن. 12يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:

«يىشاينىڭ* ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ،

باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ.

يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»

13ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.

پاۋلۇسنىڭ ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى

14قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن. 15شۇنداق بولسىمۇ، بەزى ئىشلارنى سىلەرنىڭ سەمىڭلارغا سېلىش ئۈچۈن، بۇ خېتىمنى جۈرئەتلىك ھالدا ئوچۇق يازدىم. مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت ئارقىلىق 16خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.

17شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. 18-19يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.

20باشقا كىشىلەر سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئەزەلدىن ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدىم. 21بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدادىن خەۋەرسىزلەر ئۇنى تونۇيدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ.»

پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىش پىلانى

22يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن مانا شۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن بارالمىدىم. 23-24ھازىر بۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىللاردىن بېرى، سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا، مەن ئىسپانىيىگە كېتىۋاتقىنىمدا يول ئۈستىدە سىلەرگە يولۇققاچ، بىر مەزگىل سىلەر بىلەن بىللە تۇرماقچىمەن. ئاندىن، سىلەرنىڭ ياردەم قىلىپ، يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 25بىراق، ھازىر يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا ھەدىيىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. 26چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى. 27ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭمۇ قەرزى ئىدى. چۈنكى، يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارغا خاس بولغان روھىي جەھەتتىكى بەختتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئۇنداقتا يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىشكە لايىقتۇر. 28مەن بۇ ئىئانىنى ئۇلارغا تىنچ-ئامان تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرگە يولۇقۇپ، ئاندىن ئىسپانىيىگە بارىمەن. 29ماڭا مەلۇمكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئەيسا مەسىھ مەن ئارقىلىق سىلەرگە مول بەخت ئاتا قىلىدۇ.

30قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر. 31مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىم ۋە مەن ئالغاچ بارىدىغان بۇ ئىئانىنى يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، دۇئا قىلغايسىلەر. 32شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا بۇيرۇسا، شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە ئىستىراھەت قىلالايمەن. 33ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!



*12يىشاي _ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى