« زەبۇر »

51

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. پادىشاھ داۋۇت باتشەبا* دېگەن ئايال بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئالدىغا ناتان پەيغەمبەر كېلىپ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇت بۇ مۇناجاتنى يازغان.

1رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە.

كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى،

چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە.

2پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى،

يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.

3بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا،

گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.

4گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا،

نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا.

ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ،

ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.

5گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا،

ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.

6سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى،

سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.

7تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە* پاكلىناي،

يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.

8كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي،

سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.

9نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى،

ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى.

10بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم،

ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.

11قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى،

تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.

12ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى،

ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.

13شۇندىلا مەن ئازغۇنلارغا ئۆگىتەي چىن يولۇڭنى،

گۇناھكارلار توۋا قىلىپ، ماكان قىلسۇن يېنىڭنى.

14ئېھ خۇدا، نىجاتكارىم خۇدا!

قان تۆكۈش جىنايىتىدىن قۇتقۇزغىن مېنى،

شۇندا شادلىنىپ، كۈيلەي نىجاتلىقىڭنى.

15ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى،

ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى.

16ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى،

كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى.

17خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى،

ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى.

18شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون* شەھىرىنى،

يېڭىباشتىن قۇرغايسەن يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى.

19مەمنۇن بولىسەن بېكىتىلگەن قۇربانلىقلاردىن شۇندىلا،

قوبۇل قىلىسەن كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلارنى،

ئاۋام قۇربانلىق قىلار تورپاقلارنى قۇربانلىق سۇپاڭدا.



*باتشەبا _ خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيا دېگەن ئادەمنىڭ ئايالى. پادىشاھ داۋۇت ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان ۋە بۇ گۇناھىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرىيانى جەڭ مەيدانىدا ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئاندىن باتشەبانى ئۆز ئەمرىگە ئالغان. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ بەرگەن. «مۇقەددەس كىتاب. ئىككىنچى سامۇئىل» 11-باب 1-ئايەتتىن 12-باب 27-ئايەتكىچە قاراڭ.

*7لېپەكگۈل _ ئەينى زاماندىكى گۇناھتىن پاكلىنىش مۇراسىملىرىدا روھانىيلار پۇراقلىق لېپەكگۈلنىڭ شاخلىرىنى سۇ ياكى قۇربانلىقنىڭ قانلىرىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىپ چاچاتتى. بۇ ئايەتتە داۋۇت ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق پاكلىنىش مۇراسىمىدىن ئۆتەي دېگەنلىكى ئەمەس. داۋۇت پەقەت لېپەكگۈلنى سىمۋول قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن پاكلىنىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

*18سىئون _ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ يەنە بىر نامىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى