« ھاگاي »

1

ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

1دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى* ، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى.

2قۇدرەت ئىگىسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ.»

3پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە بىر ۋەھىي كەلدى: 4«ھازىر ئىبادەتخانام خارابىلىقتا تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟ 5سىلەر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار! 6سىلەر كۆپ تېرىغان بولساڭلارمۇ، بىراق ئالغان ھوسۇلۇڭلار ئاز بولدى. سىلەر غىزالىنىسىلەر، لېكىن پەقەت تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا ئۇسساپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن پەقەت ئىسسىمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سالغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.

7-8سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇنىڭدىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم شان-شەرەپ تاپىمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! 9سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇل ئاز چىقتى. ھوسۇلنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. نېمە ئۈچۈن؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: چۈنكى سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خارابلىقتا تۇرۇۋاتىدۇ. 10-11شۇ سەۋەبتىن، يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلىرىڭلارغا، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلارغا ۋە يەردىن چىقىدىغان بارلىق ئۆسۈملۈكلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ھەم مال-ۋارانلىرىڭلارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»

خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە ئەمەل قىلىش

12بۇ ۋاقىتتا شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق، پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ خەۋەرچىسى ھاگاي پەيغەمبەر خەلققە يەنە بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە يار بولىمەن!›»

14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار، شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى. 15بۇ ۋەقە دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى* بولدى.



*1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى