« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

23

داۋۇتنىڭ قىيلاھ شەھىرىنى قۇتقۇزۇشى

1داۋۇتقا: «فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. 2شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن بېرىپ ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن بېرىپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇز، _ دېدى.

3داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا:

_ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇقلۇق قورقۇۋاتساق، قىيلاھقا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى.

4داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان بولغاندىكىن، سەن قىيلاھقا بار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.

سائۇلنىڭ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلىشى

6ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيىلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن ئېفودنى* ئېلىۋالغانىدى. 7سائۇلغا: «داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل:

_ داۋۇت دەرۋازا ۋە سېپىللىرى پۇختا شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.

8سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قامالغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. 9داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا:

_ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى.

10ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! مەن سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. 11قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، پېقىرغا يول كۆرسەتكەيسەن!

_ سائۇل كېلىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

12_ قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە.

_ تاپشۇرىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

13شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، تەخمىنەن جەمئىي ئالتە يۈز كىشى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ يۈرۈشتى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى، ئۇ قىيلاھقا بارمايدىغان بولدى.

14داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا پاناھلىنىپ تۇراتتى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى. 15داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، سائۇلنىڭ ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى. 16سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

17_ قورقما! _ دېدى يوناتان ئۇنىڭغا، _ ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ.

18ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا، چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلىشتى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.

19زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا:

_ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ. 20پادىشاھى ئالەم، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى.

21_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن، _ دېدى سائۇل، 22_ ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن. 23شۇڭا، ئۇ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ماڭا كېلىپ ھەقىقىي مەلۇماتنى بېرىڭلار، ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر ئۇ ئۇ يەردە بولسىلا، ئۇنى يەھۇدا جەمەتلىرى ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.

24زىفلىقلار يولغا چىقىپ، سائۇلدىن ئاۋۋال زىفقا قايتىپ كەلدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا مائون چۆلىگە جايلاشقان يېشىموننىڭ جەنوبىدىكى ئارابا رايونىدا ئىدى. 25سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىدا قالدى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى. 26سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراپ قېچىۋاتقاندا، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىشقا باشلىدى. 27لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا:

_ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى.

28شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى. 29داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى پاناھلىنىدىغان غارلارغا ئورۇنلاشتى.



*6ئېفود _ روھانىيلىق كىيىم. بۇ يەردە ئۇشبۇ كىيىم روھانىيلىق خىزمىتىدە بولغان ئادەم تەرىپىدىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى