يېقىلغان چىراغ

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

14سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. 15يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ. 16خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ كىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى داس ياكى كارىۋات ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە چىراغنى چىراغدان ئۈستىگە قويمامدۇ؟ 22ھەرقانداق مەخپىي ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ؛ يوشۇرۇن تۇتۇلغان ھەرقانداق ئىش پاش بولماي قالمايدۇ. 23بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ چىراغنى يېقىپ، ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن يېپىپ قويىدىغان ياكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدىغان كىشى يوق، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى جەزمەن چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. 17چۈنكى، يېپىق قويۇلغان ھەرقانداق نەرسە ئاشكارا بولماي قالمايدۇ. يوشۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسە بىلىنمەي قالمايدۇ. 18شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى