نىكاھ

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

23ئادەمئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان.

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 5- باب

18قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن،

ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇر ئالغىن.

19ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر،

ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن،

مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.

20ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟

نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟ [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

4پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر،

شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 18- باب

22ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

13ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالادۇر،

خوتۇننىڭ جېدەللىرى تورۇستىن تامچىلىغان يامغۇردەكتۇر.

14مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن،

ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

6خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 7«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ 8بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 5- باب

22ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. 23خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ بېشىدۇر. 24خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن.

25ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار. 26ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر. 27ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر. 28ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. 29ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىدىن نەپرەتلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆز تېنىنى ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ. بۇ خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ئاسراپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىگە ئوخشايدۇ. 30بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىمىز. 31مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، ئىككىسىنىڭ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» 32بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر سىردۇر. مەن بۇ سۆزلەرنى ئەيسا مەسىھ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتتىم. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

18ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. 19ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى