دوستلۇق

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

9مۇھەببەتنى چىڭايتار گۇناھنى كەچۈرگۈچى،

يېقىن دوستىدىن ئايرىلار كونا خاماننى سورىغۇچى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

17دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان،

قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

26ھەققانىيلار يېقىنىغا يول كۆرسىتەر،

يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

20دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار،

ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

27قوزغار يامانلىقنى ئۆكتەم كىشى،

ئوخشار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئۇنىڭ زۇۋانى.

28جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى،

بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 18- باب

24بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار،

لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

24تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولما،

قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،

25سەنمۇ ئۇلارنى دورايسەن بولمىسا،

چۈشىسەن ئۆزۈڭ ھەم تۇزاققا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 24- باب

19كۆڭلۈڭ بىسەرەمجان بولمىسۇن رەزىللەردىن،

يۈرىكىڭ ئېچىشمىسۇن ھەسەت قىلىپ يامانلاردىن.

20چۈنكى بولماس رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى،

ئۆچۈرۈلەر يامانلارنىڭ چىرىغى.

21ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما،

پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما،

ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.

22چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر،

پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟ [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 27- باب

9ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى،

سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.

10ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما،

بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما.

ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 27- باب

17تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ،

ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

12مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. 13ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. 14سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. 15ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 15- باب

33مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.» [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 6- باب

14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى، ھەققانىيلىق بىلەن ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟ 15مەسىھ بىلەن شەيتان قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن!؟ ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادسىزلارنىڭ نېمە ئورتاقلىقى بولسۇن!؟ 16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:

«خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن،

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن.

ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن،

ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»

17شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار.

ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار،

شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.»

«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:

18‹سىلەرگە ئاتا بولىمەن.

سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.› دەيدۇ.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى