ئاياللارنىڭ پەزىلەتلىرى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 3- باب

13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن:

_ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.

14شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:

_ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە پەقەت سەنلا مۇنۇ لەنەتلەرگە قالىسەن:

«ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ،

ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.

15سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.

ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ

دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،

سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.

16كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا:

_ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭنىڭ تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

1ئاقىل ئايال ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزار،

ئەخمەق ئايال ئۆز قولى بىلەن ئائىلىسىنى بۇزار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.

11بۇنداق ئايالغا دىلىدىن ئىشەنچ قىلار ئېرى،

كەم بولماس ئېرىنىڭ ھېچ نەرسىسى.

12ئېرىغا ياخشىلىق قىلار ئۇ ئۆمۈر بويى،

ئۇچراتماس زىيانغا ئۇنى.

13ئۇ تاللاپ قوي يۇڭى ۋە كەندىر رەختنى،

ئۆز قولىدا ھەۋەس بىلەن پۈتكۈزەر كىيىم-كېچەكنى.

14ئۇ سودا كېمىلىرى كەبى،

توشار يىراقتىن ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى.

15ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ تاڭ سۈزۈلمەستە،

يېمەكلىك تەييارلار ئائىلىسىدىكىلەرگە،

ئىش تەقسىم قىلار دېدەكلىرىگە.

16ئۇ ئېتىزنى كۆرۈپ ئويلانغاندىن كېيىن سېتىۋالار،

ئۆز ئەجرى بىلەن تاپقانلىرىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلار.

17ئىشقا مەھكەم باغلاپ ئۇ بېلىنى،

كۈچلەندۈرۈپ بىلەكلىرىنى.

18كۆرەر ئىشلىگىنىنىڭ پايدىسىنى،

كېچىچە ئۆچۈرمەس چىرىغىنى.

19ئايلاندۇرار ئۇ قولى بىلەن ئۇرچۇقنى،

ئېگىرەر بارماقلىرى بىلەن يىپنى.

20ئايىماس ئۇ يوقسۇللاردىن ياردىمىنى،

ئۇزىتار ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى.

21قار ياغسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن يوقتۇر ئەندىشىسى،

چۈنكى قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى.

22ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى،

نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى.

23ئېرى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇرۇر،

ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى باردۇر.

24ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىپ ساتار كىيىملەرنى،

سودىگەرلەرگە ئۆتكۈزەر بەلباغلارنى.

25كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۇنىڭ لىباسى،

خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار ئۇ كېلەچەكنى.

26ئۇ دانالىق بىلەن سۆزلەر،

مېھرىبانلارچە نەسىھەت بېرەر.

27ئۇ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرار،

يېتىپ يېمەس بىكار.

28پەرزەنتلىرى ھۆرمەتتە ئۇنى تەرىپلەر،

ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەر:

29«پەزىلەتلىك ئاياللار كۆپ ئىكەن،

لېكىن ھەممىسىدىن ئارتۇق تۇرارسەن، ئېشىپ چۈشىسەن».

30ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال،

ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.

31ئۇنىڭ مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىگە لايىق تەرىپلەڭلار ئۇنى،

شەھەر دەرۋازىلىرىدا ماختاشقا ئېرىشتۈرسۇن ئۇنى ئۇنىڭ ئەجىرلىرى! [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 11- باب

22ھۆسنى بار ئەقلى يوق خوتۇن ئوخشار،

چوشقا تۇمشۇقىغا ئېسىلغان ئالتۇن ھالقىغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

14مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن،

ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 18- باب

22ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 26- باب

6ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە بولغاندا، 7ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئايال كىردى. ئۇ ئايال ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىر ئېلىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئۇ ئايال ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. 8شاگىرتلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ:

_ نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىسىز؟ 9بۇ ئەتىر جىق پۇلغا يارايتتى. ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، _ دېيىشتى.

10شاگىرتلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ ئايالنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى. 11كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا، لېكىن مەن ئاراڭلاردا دائىم بولمايمەن. 12بۇ ئايال بۇ ئەتىرنى مېنى دەپنە قىلىنىشقا تەييار قىلىش ئۈچۈن بەدىنىمگە قۇيدى. 13بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

39ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 40ئۇ يەردە زىكىرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى. 41-42ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر. 43رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن. 44سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ سەكرەپ كەتتى. 45سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن!

46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى:

«قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى،

47قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،

48ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى.

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،

49چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى.

مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،

50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

1ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. 2ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 3شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 4ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 5مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى. 6ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. 7ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا:

_ ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! _ دېدى.

8ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 9ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا:

_ خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

11_ چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، _ دېدى ئايال.

ھەزرىتى ئەيسا:

_ مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 5- باب

22ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. 23خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ بېشىدۇر. 24خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

3ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەقىقىي موھتاجلىقتا قالغان تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. 4لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇ پەرزەنتلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن. چۈنكى بۇ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 5ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللار ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ. 6لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان تۇل ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھىي جەھەتتە بەرىبىر ئۆلگەنگە ھېساب. 7ئېتىقادچىلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سەن جامائەتچىلىككە بۇ ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بەرگىن. 8بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

13ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 14شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 2- باب

3شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن. 4بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاياللار ياش ئاياللارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، 5ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

1-2ئەي ئاياللار، سىلەرمۇ ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پەزىلىتىڭلارنى كۆرەلەيدۇ.

3گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس، 4بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. 5بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. 6مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى