سوئال

« زەبۇر » 91- مۇناجات

11پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە،

ئۇلار قوغدار سېنى ھەممە يوللىرىڭدا.

12يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا،

ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا. [داۋامى]

« زەبۇر » 103- مۇناجات

20ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى،

سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى،

شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

21ئەي خۇدانىڭ ئەرشتىكىلىرى،

سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەتچىلىرى،

شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

11بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

38ئېتىز دۇنيا بولۇپ، ياخشى ئۇرۇقلار ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر. ياۋا ئوتلار بولسا شەيتانغا تەۋە بولغانلاردۇر. 39ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرى، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر. 40ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 41ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ، 42ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

49قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەردىن ئايرىيدۇ [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

10_ بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

19ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

1مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

19سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 12- باب

7ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھاغا قارشى جەڭ قىلدى. ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى، 8لېكىن ئېلىشالمىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەرشتىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالدى. 9چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 5- باب

11ئاندىن، تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. 12ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى:

«بوغۇزلانغان قوزا

قۇدرەت، بايلىق، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت،

ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر