2015-09-27: «مەن قىسسەسۇل ئەنبىيادا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پەيغەمبەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىختىكى ئەڭ چىرايلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى ئوقۇدۇم. گەرچە زۇلەيخا ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھقا سادىق بولغان. قۇرئاندا بۇ پەيغەمبەر توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلار بار. تەۋرات ياكى ئىنجىلدىمۇ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا سۆزلىنەمدۇ؟»